گۆردىن جىمجىت يەنە بىر كىچە
ئاي كۆرۈنمەس يۇلتۇزلار غەمكىن
ۋىناس ئوينار قار بىلەن شامال
كوچىلاردا چىراقلار تەمكىن
شېرىن چۈشكە شۇڭغىدى ھەممە
ئەمما ئۇيقۇ كۆزۈمدە ھارام.
سېغىنىشتا تولغىنار يۈرەك.
ئەسلىمىدە پىژىلدار يارام
خىياللىرىم بولۇپ پايانداز
ئىستانبۇلغا ئاپىرىپ تاشلار
شېئىر يازغان قەغەزلىرىمنى
گۈرۈلدىتىپ كۆيدۈرەر ياشلار
سۆيۈپ گۈلنىڭ نازۇك بەرگىگە
شاماللارغا تاپشۇردۇم ئۇنى
لەۋلىرىڭگە تەگسۇن شۇ ياپراق
مېنىڭ لېۋىم دەپ بىلگىن بۇنى
خوتەن 12يانۋار
كىچە سائەت 2:18
مەۋلان مەتروزى