مەۋلانجان مەتروزى ئارىف
كىچە گاچا، يۇلتۇزلار پىنھان ،
ئايمۇ بىتاپ ، ئالدىراش شامال .
كۆزلىرىمدىن سىرغىيدۇ ۋولقان ،
جۇل تەنلىرىم ئەلەمگە قامال .
دىل تارەمنى چالىدۇ ھىجران ،
تىنىقىمدا تۈزلىنەر تاغلار .
ئارمانلىرىم تەقدىرگە يەمچۈك ،
پەريادىمدا تىتىرەيدۇ باغلار .
چىچەكلەيدۇ دەردىمدە داستان ،
ياشلىرىمدا ئۈچىدۇ قۇياش .
ئوتلۇرۇمدا قاينايدۇ دېڭىز ،
تۇمۇرلۇرۇم دوزاخقا تۇتاش .
خوتەن . نىيا
2017-2-5 كىچە